ئىزدىنىش مۇنبىرى

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن

«ئويغان»دىن «غەزەپ ۋە زار»غىچە بەش شېئىر: 1920-يىللاردا خەلقنى ئويغىنىشقا، ئىلىم-پەنگە ۋە ئەركىنلىككە چاقىرغان تۇرپانلىق شائىرنىڭ ئاۋازى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر · 1933-يىلدىن بۇرۇن

4 مىنۇتلۇق ئوقۇش · 40 ئابزاس

ئەسلى

ئويغان

ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يىتەر، سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كىتەر. بۇ ئۈلۈمدىن ئۈزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ ، ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.
قوپ!دېدىم،بېشىڭ كۆتۈر!ئۇيقۇڭنى ئاچ! رەقىبىڭنىڭ باشىنى كەس، قانىنى چاچ! كۆزئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ، ئۆلىسەن ئارماندا بىركۈن نائىلاج.
ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ، شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۈلۈمدىن غېمىڭ؟ قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن، ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟!
كۆزۈڭنى يۇغان ئېچىپ ئەتراپقا باق، ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا، ئۇزاق. كەتسە قولدىن بۇغەنىمەت پۇرسىتى، كېلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.
ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم، سەپدىشىم، قېرىندىشىم، بىر تۇغقۇنۇم. كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ، ئويغاتسام سىنى، ئاڭلىمايسەن زادى نىمە بولغۇنۇڭ؟
كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن. تەكتىگە گەپنىڭ شۇچاغدا يېتىسەن. << خەپ!>>دېسەڭ ئۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالار، شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن.

مۇزلىدى

سوغ زىمىستان قەھرىتاندا يولدا داۋان مۇزلىدى، پوتلا چېرىك يولغا چىقتى، چىقتى بوران مۇزلىدى. قار _ شىۋىرغان ئۇردى_ سوقتى، بولدى سەرسان مۇزلىدى، لىيەنجاڭۇ يىڭجاڭى جىڭگوك بولدى ۋەيران، مۇزلىدى. پاختىلىق تامبال ئىچىدە جايى پىنھان مۇزلىدى.
جىڭ شۇرېن غەزەپ بىلەن ھەربىيگە بۇيرۇق قىپتۇمىش، << تۇرپانلىق زىۋازىلار >>نى جادۇغا باسدەپتۇمىش. ئەللىك ھارۋا دادۈي _ رىنما جادۇلارنى ئاپتۇمىش، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا بەشيۈز چېرىك كەپتۇمىش، ياۋغا قارشى سوغ كۈچەپ نەچچە چەندان مۇزلىدى.
مۇسۇل مۇھىت ئاڭلاپ بۇنى، ئۈرۈمچىدىن ماڭدى شۇئان، چىقتى چىغ دەڭدىن چېرىك سايئوپىدا سوقتى بوران. كەلدى تۇرپانغا خەۋەر، چېرىك ئاشقۇنچە داۋان، رۇسلىنىپ <<قارشى ئېلىش >>قا چىقتۇق ئالدىغاتامان، تاڭ سەھەر يارغۇل ئارا بۇ ھەربىي پەرمان مۇزلىدى.
تاقاببىل تۇرۇشقا بىزدە نەيزە_ ئورغاق تەييار ئىدى، جاللاتلارنىڭ ئالدىدا بىزگە ھەقىقەت يار ئىدى. جان تىكىپ ئاتلاندى يۇرت، توسماق ئۇنى بېكار ئىدى، << توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ>> دېگەن قەدىم سۆز بار ئىدى، ئالدىدۇق دۈشمەننى بىز، ئۇر- ئۇردا چاشقان مۇزلىدى.
بامدات بىرلە رەپىق ھېسامىدىن بولدى شېھىت، << رەكەفا بىللا شېھىت>> دەپ رۇسۇلۇم ئاللاغا ئېيت. ئەھلى تۇرپان ھازىدا، ئايرىلدى سەندىن ھەي ئىسىت، ھەقىقەت قۇربانىسەن، ئاللاھ نېسىپ قىلسۇن بېھىشت، كۈنگىمۇ بولدى مۇسىبەت، تۇتۇلدى ئاسمان، مۇزلىدى.
ئاقارغان تاڭ سۈبھىگە چۈشتى قىزىل قان جىلۋىسى، ئۇجۇقۇپ بولدى شۇ كەم پالەچ چېرىكنىڭ ھەممىسى، پاك _ پاكىز چۈشتى قولغا ئوق ۋە مىلتىق جەمئىيسى، قالدى جان قايغۇسىدا لويى_ ئامبال، توڭچىسى، مىسلى كەچ كۈزدە چىۋىندەك ھالىي پەرىشان، مۇزلىدى.

دەردى دەۋران

ئۆتەرمۇ بۇ ئۆمۈر ئەپسۇس بىلەن ئارمان، نادامەتتە؟ تېپىلماس شادىمان ئىنسان، كۆرۈنمەس ھىچ ئالامەتتە، قايان بارسام، قايان باقسام، ئومۇمەن ئۇشبۇ ھالەتتە، نە يەڭلىغ مەنپەئەت باردۇر بۇ يەڭلىغ ئىستىقامەتتە؟ چۈشەندۈرگۈچى جان يوقمۇ بۇنى دەۋرى جاھالەتتە؟
ئېشىبان زۇلمى ھەججاجدىن سالار دەرد ئۈستى-ئۈستىگە، ئاسارەت خورلۇقى، قۇللۇق ئىزاسى كۈندە يۈز تۆگە، بويار جەبرەن ئاقارغان يۈزنى كۆرسە دەرمىلار كۈگە بولالماس بىر بىرىگە يار-يۆلەك بۇ تەندە ھەر ئۈگە، يېتەر، زالىمنىڭ ئۆتتى زۇلمى جانىمغا ناھايەتتە.
ئەقىلسىزلىك بولۇپ سەنئەت، ھامانە پەيزى ئەھلى خار، پەلەك ھەم ھەر زامان ئۇشبۇ ئەقىلسىزلەرنى كۆپ ئاسرار، ئەقىلسىزلەر تېپىپ تېپىپ قۇۋۋەت جاھان ئاسايىشىن بۇلغار، ئەزىزدۇر كوزا سۇندۇرغان ۋە لىكىن سۇ ئەكەلگەن خار! لېۋىمنى چىشلىبان «خەپ!» دەپ تۇرارمەن تىك قىياپەتتە.
زامانە زورۇ-زومبۇنىڭ، تاماشا قارىغۇ-كورنىڭ، خېرىدارىنى خۇش قىلدى ياراپ مالى تۆھمەتخورنىڭ، كىشىگە چاپلىماق بۆھتان ئاتا كەسپى قەسەمخورنىڭ، ھامان تەتۈرىگە ماڭدى پەلەك پېشانىسى شورنىڭ، ياقاڭدىن ئالمىسام بۇ كۈن، ئالۇرمەن تا قىيامەتتە.
نە قىلغايمەن بۇرادەر؟ ئەمدى مەسلىھەتلىشەيلى بىز، زۇلۇم زەنجىرىنى ئوشتۇپ، مېڭىشقا يول ئاچايلى بىز، دېدى: «تەقدىر شۇدۇر، بەندە قولىدىن كەلمىگەي ھەرگىز» دېدىم: «ئالدىدا ناھەقنىڭ ھەقىقەت قايدا پۈككەن تىز؟» ئىناقلىق بىرلە باش قوشماي، ئۆتەر كۈنلەر جاھالەتتە.
ئەزەلدىن ئۇيغۇر، ئىقبالىڭ سېنىڭ شۇنداق قارا كەلدى، دىلىڭ بۇ دەمگىچە ساقسىز، جاراھەتتە يارا كەلدى، نېمانچە كۆتۈرەلمەسلىك ئەلەملىك ماجىرا كەلدى، ھەقىقەت چۈن ئېغىز ئاچساڭ، ھەمىشە مىڭ بالا كەلدى، كۆرەشكە باغلىبان بەلنى، ياشا ھۆرلۈك سائادەتتە!

نەقىلاي

دوستلىرىم، يورۇمىغان زۇلمەت زاماننى نە قىلاي، باسقىلى بولماس تىكەنلىك بۇ زاماننى نە قىلاي.
چەرخى گەردۇن تەسكىرى بىلمەك كېرەكيارانلىرىم، تەسكىرى چەرخلىق بولۇپ قالغان زاماننى نەقىلاي.
ئەي پەلەك، ساڭا قاراپ چەرخ ھەم تەتۈر بولدى راۋان، يول تۇنۇپ يۇرەلمىگەن قارىغۇ زاماننى نەقىلاي.
نەگە بارساڭ بارچىنىڭ ئاغزىدا دەردى بار ۋەتەن، ھاردۇقى، تىبىبى يوق، دەرتلىك زاماننى نە قىلاي.
سۆزلىگەندە ئۇشبۇ كۈندە بارچە خەلق ئاغزىدا بار، سۆزلىسەم قەلبلىرى پارچە ياراننى نە قىلاي.
بۇلبۇل بىلەن قاغىنى بىل پەرق قىلماس ھېچكىشى، بۇلبۇلى بىچارىگە زىندان جاھاننى نە قىلاي.

غەزەپ ۋە زار

ئەي پەلەك،بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن، ئىستىدىم كۆپ، تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېچ دارىمەن.
ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە، گاھ ئۆلۈپ،گاھ تىرىلىپ، كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.
بىر پۇراپ كۈلسەم نە ئارمان، بېغىم باھارى گۈلىنى، ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.
دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرۈر مىسالىغا، قارچىغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.
يۈزمۇ-يۈز قىلماس تەئەررۇز كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار، كۆرسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.
لا ئەقىل دەپ ئويلىدى، چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ، يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار، كۆپتىن بېرى ھۇشيارىمەن.
قولدىن ئىش كەلمەيدۇ دەپ، دائىم غىدىقلايدۇ مېنى، مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە بەكمۇ-بەك خۇنبارىمەن.
پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ كاپىر، جەدىت دەپ قارغىشۇر، بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بۇلۇپ يانارىمەن.
چۆل-جەزىرە، دەشتۇ-سەھرا ئىچرە قالدىم نائىلاج، ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ قوشۇلاي قاتارىمەن.
سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت زېمىن، مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش، قاينام بۇلۇپ قاينارىمەن.
ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى-مەشرىق تامام، مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق، مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
ئىلىم-پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت، خەۋىپ-خەتەر، ھالىمىز قۇلدىن بەتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن.
تىل-ھاقارەت، تەنە-دىخمار ۋاي داد!... بۇ جاننى قىينىدى، ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەپمۇ بولدۇم خارىمەن.
زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى تاغ كەبى دولقۇنىدا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.
دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم، جاننى ئالقانغا ئېلىپ چىق، تاپمايسەن باشقا چارىسەن.

مەنبە ئىزدىنىش مۇنبىرى (nurbilig، 2015)، uyghur-archives ئەسلىگە كەلتۈرگەن نۇسخا. ئەسەر ئاممىۋى مۈلۈك.

ئىزاھلار DeepSeek V4.1 Flash ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدۇ، مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى: Together AI.

كۈتۈپخانىغا قايتىش

بۇ رايون خاتىرە ئۈچۈن.

خالىغان بۆلەكنى تاللاپ، سوراش ئۈچۈن يېزىشنى باشلاڭ.