ئىزدىنىش مۇنبىرى
ئەجەل ھودۇقىشىدا
مۇسسۇلىنى بىلەن گىتلېر ھەققىدە ھەجۋىي فېليەتون: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قىزىغان چاغدا، ياش شائىر ئىتالىيىنىڭ «ئۆتۈك»ىنى مەسخىرە قىلىدۇ.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ · تەخمىنەن 1943
3 مىنۇتلۇق ئوقۇش · 47 ئابزاس
مۇسسۇلىنى گىتلېرغا زېنت توپ ، زەمبىرەك، ئايروپىلان ئەۋەتىپ ، ئىتالىيىنى مۇھاپىزەت قىلىش توغرىسىدا قەتئىي تەلەپ قويغان . مۇسسۇلىنىڭ بۇ تەلىپى گىتلېرنىڭ ئومۇمىي بۆلۈمىنى ھەيران قالدۇرغان.
– گېزىت خەۋىرى
نىئاپولدىن بېنتون مۇسسۇلىنى ئۆلە-تىرىلىشىگە باقماستىن «رىم نەدىسەن ؟ » دەپ سېمىز قورسىقىدا توختىمىغان ئىشتىنىنى كۆتۈرگەن پېتى ۋارقىراپ چاپتى .
- ۋاي خالايىق، ئوتتۇرا دېڭىز كۆيۈۋاتىدۇ!
- ھە، نېمە بولدى؟
- ئوتتۇرا دېڭىزغا ئوت كەتتى!…
مۇسسۇلىنى ئارقىسىغا قاراپ-قاراپ قوياتتى. بونا ئارىلىدا، بىزېرتا چوققىلىرىدا ئېتىلغان توپلارنىڭ ئاسماننى تىترىتىپ، قارا ئىس-تۈتەكلەرنى ئەرشىئەلاغا كۆتۈرۈپ ھەيۋەت بىلەن ئېتىلىشلىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئالدىراپ چاپتى. ھېرىپ بارغان بويىچە گىتلېرنىڭ قوينىغا ئېتىلدى. مۇسسۇلىنى ئەركىلەپ ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى . گىتلېر ئۇنى پەپىلەپ بەزلەشكە باشلىدى :
- دۈپدۈگىلەك پور سېمىز مۇسسۇلىنىم ، يىغلىما ، نېمىگە يىغلايسەن ؟
- مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن . ئىتالىيە تىررىن دېڭىزى ۋە ئادرىئاتىك دېڭىزىدىكى خۇددى بىر ئۆتۈكنى سۇغا چىلاپ قويغاندەك يەر تۇرسا ، ئۇنىڭغا ئوت تۇتىشىپ كەتسە قانداق قىلىمەن؟
- ئەخمەق ئىكەنسەن ،- دېدى گىتلېر ،- ئۆتۈككە ئوخشىغان ئارالدىنمۇ غەم قىلامسەن؟
- ئەمىسە قانداق قىلىمەن ؟
- مەن كىيىۋالىمەن تامام !
- ئۇنى كىيىشكە بولمايدۇ !
- نېمىشقا ؟
- ئۇنىڭ سىجىلىيە دېگەن چەمى ئاجراپ كەتكەن .
- كىيسەم نېمە بولىدۇ؟
- پۇتۇڭغا ئوت تۇتىشىدۇ . پۇتى كۆيگەن توخۇ ماڭالمايدۇ …
بۇلار كۆپ تالاشتىن كېيىن ئايرىلدى . گىتلېر يولىغا راۋان بولدى . مۇسسۇلىنى ئۆز ئوردىسىغا گاۋجانى، كاپىلو، داپىنو، كاۋىكالىيا ناملىق مارشاللارنى يىغىپ ، ئىتالىيىنى «قۇتقۇزىدىغان» باش ھەربىي ئىشلار ئۆمىكى تەشكىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەپ بېرىپ چىقىپ كەتتى . مارشاللار ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىگە ئائىت نەرسىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىپ كەتتى.
- سەن كاپىلو، يۇگۇسلاۋىيىنىڭ جۇغراپىيە ئەھۋالى بىلەن تونۇشامسەن؟
- نېمىشقا تونۇشمايمەن! يۇگۇسلاۋىيە تاغلىق رايون . يۇگۇسلاۋىيە پارتىزانلىرى بىر تاغنىڭ ئىچىگە سولىۋېلىپ مېنىڭ ئاكامنىڭ پۈتۈن بىر دىۋېزىيىسىنى قىرىپ تاشلىغان .
- داپىنو ، سېنىڭ گرېتسىيە ھەققىدە مەلۇماتىڭ قانداق ؟
- يامان ئەمەس ، مېنىڭ دادامنى گرېكلار ئاپىنا غارىدىن دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن !
- سەن كاۋىكالىيا ، جەنۇب تەرەپتە خېلى بولغانغۇ ؟ قانداق ، ئۇياق بىلەن چىقىشالامسەن ؟
- 5-ماي كۈنىدەك ئىتتىپاقچىلارنىڭ ئەسكەرلىرى قوغلىمىسا ، نېگىرلارنى قاقشىتىپ ئويناش كۆڭۈللۈك ئىدى .
- گاۋجانى ، سەن رۇمىنىيىدە ، رۇسىيە جەڭ مەيدانلىرىدا بولدۇڭ ، رۇسلاردىن ئەسىر ئېلىپ باقتىڭمۇ ؟
- ھە، ئەلۋەتتە. سەن رۇسلارنى تۇتۇۋالغىنىڭ بىلەن ئۇلار سېنى قويۇپ بەرمەيدىكەن .
مارشال كاۋىكالىيا سۆزگە ئارىلىشىپ قالدى :
- بىز ئافرىقىدىن قاچقاندا ، قورققانغا قوش كۆرۈنۈپ ، ئافرىقا چۆللىرىدە ئۆسىدىغان ئادەمگە ئوخشايدىغان كاكتۇس ئۆسۈملۈكىگە چاس بەرگەندەك بولۇپتۇ-دە ، كېرەك يوق .
- ئەمىسە ، ئىتالىيىدىن تىنچ يەر يوق دېگىنە؟- دەپ سورىدى بىرى .
- گىتلېر كىيىۋالىمەن دەيدىغۇ ؟
- مانا بۇ مۇتلەق قاملاشمايدۇ !
- نېمىسى قاملاشمايدۇ ؟
- ئۆتۈكنى قۇرۇق كىيسە پۇتنى غاجايدۇ ، ئۇنىڭغا بىر نېمە ئوراش كېرەك .
- بىزنى ئورايدىكەن-دە !…
- ئۇلۇغ رىمغا شۈكۈر !…
- مۇسسۇلىنىغا شۈكۈر- دە، ئەخمەق !…
- ئۇ ئۆلۈپ كەتسىچۇ ؟
- ئاندىن ئىمپېرىيىگە شۈكۈر دېسەڭ بولىدۇ…
- ئۇقماپتۇق…
مۇسسۇلىنى ئۇخلىيالمىدى . ئۇ چۈش كۆردى ، چۈشىدە مانا مۇنداق ئىش كۆردى : مانا نىئاپول ئۈستىدە نەچچە مىڭلىغان ئىتتىپاقچىلار ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپ يۈرىدۇ . مانا بومبىلار ياغدۇردى . مانا كۈچلۈك پارتلاشلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى . مانا ، ئوتتۇرا دېڭىزدا توشقان پاراخوت …. ئەنە، ئەسكەرلەر قىرغاققا دەسسىدى . مانا، ئوردىنىڭ زور بىناسى ئۆرۈلۈپ كەتتى …
مۇسسۇلىنى قورقۇپ :
- ۋاي ھېتەك ( گىتلېر ) !- دەپ ۋارقىرىۋەتتى.
- ۋالاقلىماي جىم يات !- دېدى گىتلېر بوغۇق ، سەت ئاۋاز بىلەن .
ئىككىسى بىر-بىرىگە يات ئادەمدەك ماي تارتىشىپ قارىشىپ ، خورازلاردەك بوغۇشۇپ ، ئوتتۇرا دېڭىز تەرەپتىكى دېرىزىدىن كىرىۋاتقان شامالدا مۇزلىغاندەك غوللىرىنى چىقىرىپ ھودۇقۇپ گاڭگىراشتى . گىتلېر ئاستاغىنا دېدى :
- ھۆكۈمرانلىق ھارۋىمىز پاتقاققا پاتتى . بىر چاقى شەرقتە ، يەنە بىر چاقى غەربتە …
- پېتىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئوقمۇ سۇندى …
- ئوق سۇندى ؟!…
ئىككىسىنىڭ كۆزى ئالاق-جالاق بولۇپ كەتتى
بۇ رايون خاتىرە ئۈچۈن.
خالىغان بۆلەكنى تاللاپ، سوراش ئۈچۈن يېزىشنى باشلاڭ.